UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسۇڭپىياز گۆش قورۇمىسى

سۇڭپىياز گۆش قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى 500 گرام، قىزىل لازا 35 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، ئەبجەش ياغ 50 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا 105 گرام، سۇڭپىياز بىر تال. 1 . قوينىڭ سان گۆشىنىڭ يىپچىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، نېپىز يالپاقلاپ، قىزىل لازىنى ئىنچىكە، سۇڭپىياز ئات قۇلىقى توغرىلىدۇ. 2. توغرالغان گۆشنى قايناق سۇغا بېسىپ ئېلىپ، داكا بىلەن ئوراپ سىقىپ، سۈيى چىقىرىۋېتىلىدۇ. 3. بىر قاچا شورپىغا تۇز، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، سۇڭپىياز بىلەن قىزىل لازىنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن گۆشنى سېلىپ ئىتتىك ئوتتا تېز قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى قۇيۇپ، پىششىق ياغدىن سېپىپ تەخسىگە ئالىمىز.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
سۇڭپىياز گۆش قورۇمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki