تاۋا كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70 گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.
. گۆشنى سەرەڭگە قېپچىلىك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15-20 مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ.
2. تاۋىنى ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇنغا مىلاپ تاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. پىشقان كاۋاپقا ئازراق شورپا قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ، شاكال بەدىيان سېلىپ 40 مىنۇت دۈملىنىدۇ.