UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىچىلانغان تەرخەمەك

چىلانغان تەرخەمەك

ئۇيغۇر تائاملىرى يۇمران تەرخەمەك 10 كىلوگرام، كەرەپشە 500 گرام، يالپۇز 500 گرام، قۇرۇق لازا 10 گرام، سوققان قارىمۇچ 10 گرام، سامساق 200 گرام، تۇز 500 گرام، كۆك لازا 250 گرام، قايناق سۇ 10 كىلوگرام. 1. تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ، يالپۇزنىڭ قېرى يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئالتە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرىلىدۇ. كۆك لازا پاكىز يۇيۇلىدۇ. كەرەپشىنىڭمۇ كونا يوپۇرماقلىرى ئېلىۋېتىلىپ توغرىلىدۇ. سامساق ئادالانغاندىن كېيىن يېرىپ قويۇلىدۇ. 2. تەرخەمەك، كۆك لازا، كەرەپشە ۋە دورا - دەرمەكلەرنى ئۈچ ئۈلۈشكە بۆلۈپ دەستىلىنىپ ئىدىشقا قاچىلىنىدۇ، دەستىلىنىش بىرقەۋەت تەرخەمەك بىر قەۋەت تەم خۇرۇچى شەكلىدە بولىدۇ. 3. سۇغا تۇز سېلىنىپ قاينىتىلىدۇ. قايناق سۇ سوۋۇپ ℃70-60چۈشكەندە، تەرخەمەك ئىدىشقا سېلىنىپ ئېغىزى ئېتىلگەندىن كېيىن، ئېغىر نەرسە بىلەن باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. ℃53ۇق ئۆيدە ئۈچ كۈن ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ، ئاق كۆپۈك ئۆرلىگەندە كۆپۈكنى ئېلىۋېتىپ ℃0 لۇق جايغا يۆتكەپ خالىغانچە ئىشلەتسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى