UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىكاۋا مانتىسى

كاۋا مانتىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئالىي ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 250 گرام، مانتا كاۋىسى ئىككى كىلوگرام، زىرە ئازراق، قوينىڭ چاۋا يېغى 150 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز 150 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. . مانتا كاۋىسىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقلىرىنى، لەشلىرىنى قىرىپ تازىلاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، قوناقتەك چوڭلۇقتا، قوينىڭ چاۋا يېغى، پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ. 2. كاۋا، پىياز، چاۋا ياغنى قوشۇپ، ئۇنىڭغا سوققان زىرە، تۇز سېلىپ، داغلانغان ياغنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 3. ئاق ئۇندا پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭدىن 50 - 40 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ پىشۇرۇپ، قول بىلەن بېسىپ ياپىلاقلاپ، پوزا بىلەن ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق، چۆرىسىنى نېپىز قىلىپ جىلىت ئېچىپ، ئاندىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ، قاسقاندا تېز ئوتتا 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. پىشقا ن مانتىنى لېگەنگە ياكى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ داستىخانغا كەلتۈر ۇلىدۇ. بۇ مانتىنىڭ پىشىش ۋاقتىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەككى، پىشىپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى