UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئالما قورۇمىسى

ئالما قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئالما 500 گرام، ئاق شېكەر ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىر دانە، ئالىي ئاق ئۇن 35 گرام، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 50 گرام)، كۈنجۈت ئازراق. 1. ئالمىنى سويۇپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۈچ قىرلىق قىلىپ چوڭ ـ چوڭ قەلەمچە توغراپ، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىغا مىلەپ تەييارلىنىدۇ. 2. تۇخۇمنىڭ ئېقىنى قاچىغا قۇيۇپ، ئۈستىگە ئازراق، سوغۇق سۇ، پۇرچاق ئۇنى، ئالىي ئاق ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى تەييارلىنىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، ئالمىنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 4. قازاننى قىزىتىپ ئازراق ياغ ياكى 75 گرام سۇ قۇيۇپ، ئاق شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، قىيام بولۇپ چېچەكلىگەندە، ياغدا پىشقان ئالمىنى سېلىپ ئىككى - ئۈچ قېتىم ئېلىشتۇرۇپلا ئۈستىگە قورۇغان كۈنجۈتنى سېلىپ، شېكەر قىيامىنى تەكشى يۇقتۇرۇپ، ياغلىغان تەخسىگە ئېلىنىدۇ. بىر قاچا سوغۇق سۇ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. يېيىش ۋاقتىدا ئالما سوغۇق سۇغا چىلاپ يېيىلىدۇ. ئەگەر ئالمىنىڭ ئورنىغا ياڭيۇ ئېتىش توغرا كەلسە، ياڭيۇنى قايناق سۇدا يېرىم پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئاندىن يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە تەييارلىسا بولىدۇ. بۇ سەينى ئاپېلىسىن (جۈزە)، بانان (شاڭجاۋ)لاردىمۇ ياسايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
ئالما قورۇمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki