UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئۈزۈم شەكىللىك بېلىق قورۇمىسى

ئۈزۈم شەكىللىك بېلىق قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى تىرىك ليۇ بېلىقى بىر دانە، تۇخۇم ئىككى دانە، كەرەپشە (چىڭسەي) يوپۇرمىقى ئازراق، بولكا ئۇۋىقى ئازراق، زەنجىۋىل ئازراق، ئۈزۈم ھارىقى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق، كراخمال ئازراق، شېكەر ئازراق، سۇ يېغى ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق. 1. پاكىزە تازىلانغان بېلىقنىڭ باش، قۇيرۇق قاناتلىرىنى كېسىۋېتىپ، بېلىق گۆشىنى شىلىپ ئېلىپ، قىلتىرىق سۆڭەكلىرى پاكىزە ئادالىنىدۇ. بېلىقنىڭ تېرە تەرىپىنى كۆتەككە قويۇپ بىر سانتىمېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئاۋۋال ئۇزۇنىسىغا پىچاقنى تىك سېلىپ، بېلىق گۆشىنىڭ 1/3 قىسمى كېسىلگەندە پىچاقنى يانتۇ قىلىپ تېرىسىگە يەتكۈچە كېسىلىدۇ. ئاندىن كۆندىلەڭ تەرىپىدىن ئارىلىقىنى بىر سانتىمېتىر قالدۇرۇپ تېرىسىگە يەتكۈچە تىك كېسىلىدۇ. بېلىق گۆشىگە تۇز، زەنجىۋىل، پىياز، سېرىق ھاراق، سېپىپ 20 مىنۇتتەك تەملەندۈرۈلىدۇ. 2. تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ بېلىق گۆشىنى تۇخۇمغا چىلاپ ئۈستىگە بىر قەۋەت بولكا ئۇۋىقى تەكشى يېپىشتۇرۇلىدۇ (ھەربىر پىچاق ئىزىغا كىرگۈزۈپ). 3. ساپلىققا ماي قۇيۇپ، 7 دەرىجىدە قىزىتىپ، بېلىق گۆشىنى مايغا سالساق، تېرىسى قورۇلۇپ، گۆش ئۈزۈم شەكلىگە كىرىدۇ. 4. كەرەپشە (چىڭسەي) يوپۇرمىقىنى قايناق سۇغا بېسىپ، سوۋۇغاندا تەخسىنىڭ چېتىگە ئۈزۈم يوپۇرمىقى شەكلىدە تىزىپ بېرىلىدۇ. 5. باشقا بىر ساپلىققا بىر ۋاقىت ئىچىدە سۇ، شېكەر، ئاچچىقسۇ، تۇز سېلىپ قاينىتىپ، ئۈزۈم ھارىقى، مۇۋاپىق كراخمال سېلىپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ، بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى