ياپىلاق گۆش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
لوق قوي گۆشى 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا ئازراق، سۇ يېغى ئازراق.
1. قوي گۆشىنىڭ يىپ، پەيلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر، كەڭلىكى، ئىككى سانتىمېتىر قىلىپ نېپىزرەك يالپاقلاپ توغرىلىنىدۇ.
2. گۆشكە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، جاڭيۇ، تۇخۇم، شورپا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8~7 دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ، توق سېرىق رەڭگە كىرگىچە بىر - بىرىگە چاپلاشتۇرماي پىشۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىننى تەكشى سېپىپ، ئازراق سۇ يېغى چېچىپ قويۇلىدۇ.