UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپەرمۇدە

پەرمۇدە

ئۇيغۇر تائاملىرى ئالىي ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، سۇ بىر 750 گرام، قوي گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە ئازراق، پىياز بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم ئىككى دانە، قارىمۇچ ئازراق، ئېرىتكەن ياغ 35 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، شولتا ئازراق، خېمىرتۇرۇچ ئازراق. سېمىز لوق گۆشنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا بىر دانە تۇخۇم چېقىپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىيازنى قوشۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. ئۇنغا بىر دانە تۇخۇم چېقىپ، خېمىرتۇرۇچ، تۇز سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلىنىدۇ. خېمىرنى ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن 80 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، پوزىدا ئالىقاندەك چوڭلۇقتا نېپىز جىلتا ئېچىپ تەييارلىنىدۇ. 3. جىلتنى سول ئالىقىنىمىزغا قويۇپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ مانتا شەكلىدە تۈگىمىز. ئاندىن ئوڭ قولنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن خېمىرنىڭ تۈگۈلگەن تەرىپىدىن بېسىپ، سول قولىنى موشتۇمنى تۈگكەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، پەرمۇدىنى سىقىمىز. ئاستىدىكى ئۈچ قولنىڭ ئارىلىقىدىن خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك خېمىر ئۆسۈپ چىقىدۇ. 4. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تۈگۈلگەن پەرمۇدىلەرنى ئازراق ئاچچىقسۇ، ئېرىتىلگەن شولتا سۈيىگە تەگكۈزۈپ، تونۇرغا يېقىپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، 20 - 15 مىنۇت ئەتراپىدا خۇيلىنىدۇ. خېمىرنىڭ يۈزى قۇرۇغاندا، خۇينى ئېچىپ، داپخاننى ئېچىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ، پەرمۇدە ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە يۈزىگە قۇيرۇق ماي سۈرتۈپ، سويۇپ ئېلىنىدۇ (يۈزىگە تۇخۇم سۈركەپ خۇيلىسىمۇ بولىدۇ).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى