UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسىڭىر قورۇمىسى

سىڭىر قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ قۇرۇتۇلغان سىڭىرى 200 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، جاڭيۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، ئارىلاش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سامساق بىر باش، ھۆل خۇاڭخۇا سەي ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پالەك بىر تۈپ، ئاچچىقسۇ ئازراق. 1. قۇرۇق سىڭىرنى پاكىز يۇيۇپ، 3-4 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، ئوتتۇراھال ئوتتا كۆپتۈرۈپ ئېلىپ، قايناق سۇغا سېلىپ بىر نەچچە سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ (ئادەتتە ئىشلىتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن چىلىنىدۇ). سۇڭپىيازنى ئىنچىكە، سامساق، پالەكلەر چوڭ - چوڭ توغرىلىدۇ. 2. چىلاپ كۆپتۈرۈلگەن سىڭىرنى دۈگىلىتىپ ئۈچ قىرلىق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، تېتىتقۇ، سوققان كاۋاۋىچىن، جاڭيۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. شورپىغا پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، سىڭىر سېلىپ رەڭگى سارغايغىچە ياغدا پىشۇرۇپ، ياغنى ساقىتىۋېتىپ، سىڭىرنىڭ ئۈستىگە سۇڭپىياز، سامساق، خۇاڭخۇا سەي، پالەكلەرنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، شورپا قويۇلغاندا ئۈستىگە پىششىق ياغ، ئازراقلا ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى