سۈتلۈك شويلا
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۈرۈچ بىر كىلوگرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ئىككى قوشۇق، سۈت بىر يېرىم كىلوگرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق.
1. گۈرۈچنى تازىلاپ 4-3 قېتىم يۇيۇپ، قازانغا بىر كىلوگرامدەك سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندا گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن سۈتنىڭ گۈرۈچكە سىڭىش ئەھۋالىغا قاراپ بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ سۈت قۇيۇلىدۇ. ئاش داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. گۈرۈچ ئېچىلىپ سۈتنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ ئاش 6-5 مىنۇت دەم
يېگۈزۈلىدۇ.
3. تەييار بولغان تاماققا قوي يېغىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنگە ئۇسۇپ، ئاشنىڭ يۈزىگە ئازراق ئاق شېكەر سېپىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.