شېكەر مانتا
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 500 گرام، ياڭاق مېغىزى 175 گرام، قۇيرۇق ياغ 250 گرام، تۇز ئازغىنە، ئاق شېكەر 175 گرام، شۇلتا ئازراق.
ياڭاق مېغىزىنى قۇرۇق قورۇپ، بىر قەۋەت پوستىنى چىقىرىۋېتىپ، بۇغدايدەك چوڭلۇقتا يانجىپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان قۇيرۇق ياغ، شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرنى يۇغۇرۇش، بولدۇرۇش، جىلىت ئېچىشلارنىڭ ھەممىسى بولاق مانتىنىڭكىدەك بولىدۇ. جىلىتقا ياڭاق قىيمىسىدىن سېلىپ، سوقىچاقراق ياكى ئۈچ بۇرجەك مانتا تۈگۈپ، قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 25 ـ 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
پىشقان مانتا لېگەن ياكى تەخسىگە ئېلىنىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە بىردىن كىچىك تەخسە بېرىلىدۇ.
شېكەر مانتىنىڭ قىيمىسىغا ئۇرۇقى يوق ئۈزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق سوقۇپ ئارىلاشتۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.