UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىگۇيۇرۇ

گۇيۇرۇ

ئۇيغۇر تائاملىرى خام گۆش 280 گرام، قارىمۇچ ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، جاڭيۇ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، شېكەر رىڭى ئازلا، يىسىۋىلەك (بەسەي) ياكى كۆپتۈرۈلگەن بامبۇك نوتىسى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سۇڭپىياز بىر تال، كاۋاۋىچىن ئازراق، سامساق تۆت چىش، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام). 1 . قوي گۆشىنىڭ يىپچىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، نېپىز يالپاقلاپ يىسىۋىلەك (بەسەي) ياكى بامبۇك نوتىسىنى، سۇڭپىياز ۋە سامساقلار يالپاق توغرىلىدۇ. خۇاڭخۇا سەينى چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ. 2. توغرالغان گۆشكە تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، جاڭيۇ، شېكەر رېڭى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم 15 گرام، شورپا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. 250 گرام شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، سوققان قارىمۇچ، جاڭيۇ، تېتىتقۇ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 4. قازانغا بىر كىلوگرام ياغ قۇيۇپ يەتتە دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ دانىمۇ دانە پىشۇرۇپ، سارغايغاندا سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. 5. قازاندا 15 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساقلارنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، يىسىۋىلەكنى (بەسەينى) ياكى بامبۇك نوتىسى ۋە خۇاڭخۇا سەينى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ، ئاندىن گۆشنى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپلا تەييارلانغان شورپىنى قۇيۇپ، پىششىق ياغدىن ئازراقلا سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى