دۈملىمە پاچاق
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ پىششىق پاچىقى سەككىز دانە، قارىمۇچ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق بىر باش، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل مور ئازراق، سۇ يېغى، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . قوينىڭ پىششىق پاچىقىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، بىر قاچىغا تىزىپ قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە شورپا، تېتىتقۇ، تۇز، جاڭيۇ، سوققان كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز، سامساق سېلىپ، قاسقانغا قويۇپ تېز ئوتتا يېرىم سائەت
دۈملىنىدۇ.
2. دۈملەنگەن پاچاقنى ئېلىپ، تەخسىگە كۆمتۈرۈپ، شورپىسىنى باشقا قاچىغا ئېلىپ
قويۇلىدۇ؛ قالغان سۇڭپىيازنى ئىنچىكە، سامساق نېپىز يالپاق توغرىلىدۇ.
3. قازانغا بىر چۆمۈچ ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق مورلارنى سېلىپ بوش قورۇپ، قاچىدىكى شورپىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، تەخسىدىكى پىششىق پاچاقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.