ماشخوردا
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆش 175 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، گۈرۈچ 280 گرام، پالەك مۇۋاپىق، ياغ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ماش 175 گرام، پىننە ياكى رەيھان ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، لازا ئىككى شوخ، سەۋزە ئىككى باش، زىرە مۇۋاپىق مىقداردا.
گۆش، پەمىدۇر ۋە پىيازنى ئۇششاق، سەۋزىنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. يۇمغاقسۈت چانىلىدۇ. پىننە ئۇششاق
ئۇۋۇلىنىدۇ. گۈرۈچ ۋە ماش يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، سارغايغاندا پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ، دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ، يۇيۇپ تەييارلانغان ماشنى سېلىپ ئېتىلغىچە قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ يەنە 30-25 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن تۇز سېلىنىدۇ (گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن قازان چۈشۈرۈلۈپ بىرئاز دەم تىندۇرۇلىدۇ). ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، لازا، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.