UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيمىلىق قۇيماق

قىيمىلىق قۇيماق

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، گۈلقەنت 35 گرام، ئاق شېكەر ئىككى كىلوگرام، شولتا ئازراق، ئېرىتكەن قۇيرۇق ياغ 500 گرام، شاڭجىڭ (مۇئەتتەر) ئازراق، قورۇغان پىششىق ئۇن 140 گرام، سۇ ئالتە كىلوگرام، ياڭاق مېغىزى 140 گرام، سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى 750 گرام)، ئالىيېشىل رەڭ ئازراق. . قازانغا 500 گرام قوي يېغىنى سېلىپ پەس ئوتتا قىزىتىپ، ئۇنىڭغا شولتا سۈيى ۋە ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاندىن ئۇننى سېلىپ قوچۇپ خېمىر يېڭى پىشقاندا ئاشتاختىغا تۆكۈپ يېيىپ سوۋۇتىلىدۇ. 2. سوۋۇتۇلغان خېمىرغا سوغۇق قايناق سۇ چېچىپ، خېمىر يۇمشىغىچە چەيلىنىدۇ. 3. ئاق شېكەر، قورۇلغان پىششىق ئۇن، ئالىيېشىل رەڭ، ئەزگەن ياڭاق مېغىزى، گۈلقەنت، شاڭجىڭ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما ياسىلىدۇ. 4. قازانغا ياغ قۇيۇپ مۇۋاپىق دەرىجىدە قىزىتىلىدۇ؛ يۇمشىغان خېمىرنى 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، قول بىلەن كېڭەيتىپ، ئىچىگە تاتلىق قىيما ئېلىپ، ياپىلاق توقاچ قىلىپ ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، چېچەكلىگەندە سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش لازىم. ياغ قىزىق بولۇپ كەتسە، قۇيماقنىڭ تېشى كۆيۈپ، ئىچى خام قالىدۇ، ياغ سوۋۇپ قالسا، قۇيماق چېچەكلىمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قىيمىلىق قۇيماق | UyghurWiki | UyghurWiki