UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقوي گۆشى ئۇيۇتمىسى

قوي گۆشى ئۇيۇتمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى پىششىق قوي گۆشى 140 گرام، كراخمال ئازراق، پىششىق سەۋزە 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق، باش پىياز بىر باش، ئاقمۇچ ئازراق، پىشۇرۇلغان قوناق يارمىسى 140 گرام، تېتىتقۇ ئازراق، پىششىق كۆك پۇرچاق 70 گرام، سۇڭپىياز ئازراق، توخۇ شورپىسى بىر كىلوگرام، سالا يېغى مۇۋاپىق. 1 . بارلىق خۇرۇچلار قوناقتەك چوڭلۇقتا بىردەك تەكشى توغراپ تەييارلىنىدۇ. 2. ساپلىقتا توخۇ شورپىسىنى قۇيۇپ، قاينىتىپ، دورا - دەرمەك تېتىتقۇلارنى سېلىپ تەمنى تەڭشەپ، توغراپ تەييارلانغان خۇرۇچلارنى سېلىپ قاينىتىپ، ئازراق كراخمال بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىششىق سالا يېغى تېمىتىپ، شورپا قاچىسىغا ئۇسسۇپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى ئۇيۇتمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki