UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىدۈملىمە گۆش

دۈملىمە گۆش

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام، قىزىل لازا بىر شوخ، سۇڭپىياز ئىككى تال، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، سۇ يېغى ئازراق، سامساق بىر باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. بىر كىلوگرام قوۋۇرغا گۆشنى ئون پارچە قىلىپ قايناق سۇغا سېلىپ، يېرىم پىشۇرۇپ ئالىمىز؛ سامساق، سۇڭپىياز، قىزىل لازىلار ئىنچىكە توغرىلىدۇ. 2. يېرىم پىشۇرۇلغان گۆشكە تۇز، پىياز، سوققان قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىپ، تولۇق پىشقىچە قاسقاندا دۈملىنىدۇ. 3. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، قىزىل لازا سېلىپ قورۇپ، ئازراق قايناق سۇ قۇيۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلاپ، دۈملەنگەن گۆشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى