توخۇ گۆشى قوردىقى
ئۇيغۇر تائاملىرى
توخۇ بىر دانە، دارچىن ئازراق، سۇ يېغى 250 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، قۇرۇتۇلغان ئۈچلۇق لازا بىر سىقىم، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر باش، شېكەر مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، جاڭيۇ ئازراق، زەنجىۋىل كىچىك بىر باش، تېتىتقۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىزە ئادالاپ، چوڭ ئۆرۈكتەك چوڭلۇقتا، ياڭيۇ ھەم ئوخشاش چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.
2. ساپلىققا 105-75 گرام ياغ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق شېكەر سېلىپ، شېكەر رېڭى تەييارلاپ ئۇنىڭغا توغرالغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ تېز ئوتتا قورۇلىدۇ.
گۆش ئاساسەن پىشقاندا رەڭگى قوڭۇر رەڭگە كىرىدۇ. شۇ ۋاقتىدا قىزىل لازا، ياڭيۇ توغرالغان پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، دارچىنلارنى سېلىپ قورۇپ، ياڭيۇ پىشقاندا جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تەخسىگە ياكى لېگەنگە ئۇسىمىز.
3. لەغمەن خېمىرىنى بارماقتەك كەڭلىكتە سوزۇپ قايناق سۇدا پىشۇرۇپ، توخۇ قوردىقى بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ. گاڭپەن، موما بىلەن ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.