بولاق ياپما
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل ئازراق، ياغ 70 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سەۋزە 750 گرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، شولتا ئازراق.
1. ئۇنغا تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ 5.1-1 سائەت بولدۇرۇلىدۇ.
2. گۆشنى 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە، ياڭيۇلارنى چاقماق قەنت شەكلىدە، سوڭپىياز ئات قۇلىقى شەكلىدە توغرىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، سارغايتىپ، سەۋزە، ياڭيۇنى سېلىپ يەنە قورۇپ، سوققان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، خۇرۇچلار چىلاشقۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ، سىم - سىم قاينىتىپ، ئېزىلدۈرمەي پىشۇرۇپ شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. بولدۇرۇلغان خېمىرغا شولتا بېرىپ ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى نېپىز يېيىپ تۇۋاقتەك قىلىپ، قازاندا قايناۋاتقان خۇرۇچلارنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت شورپا قۇيۇپ ھەربىر قەۋەت خېمىرنىڭ ئارىلىقىغا شورپا قۇيۇپ 30 مىنۇت يېپىپ، دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان ياپمىنى لېگەنگە ئېلىپ، قوردىقىنى تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.