سامساق تەملىك قېرىن ئۈگرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
پىشۇرۇلغان قېرىن 200 گرام، سامساق بىر باش، تۇز مۇۋاپىق، كۈنجۈت يېغى ئازىراق.
1. پىششىق قېرىننى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ، ئۈگرىدەك ئىنچىكە توغراپ، تەخسىگە رەتلىك تىزىپ ئۈستىگە ئازىراق تۇز سېپىلىدۇ.
2. سامساقنى خېمىردەك يۇمشاق چاناپ، ئۇنىڭغا تۇز، ئازىراق كۈنجۈت يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قېرىننىڭ ئۈستىگە تەكشى سېپىپ زىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.