قورۇما پۇرچاق بوتقىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
پۇرچاق بوتقىسى ئىككى پارچە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، تۇخۇم ئىككى دانە، پىياز بىر باش، سۇ يېغى 50 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، شورپا 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. ھەربىر پارچە دۇفۇنى تۆت كىچىك پارچە قىلىپ، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز چاناپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ، سارغايتىپ، شورپا، زەنجىۋىل
سۈيى، تۇز، تېتىتقۇ سېلىپ، ئاندىن پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ قۇرۇپ ئېلىۋېلىپ، شورپىسىنى قاچىغا ئېلىپ زاپاس قويۇلىدۇ؛ تۇخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنىڭ بىرىنى تۆكۈپ، ئۈستىگە پۇرچاق بوتقىسىنى سېلىپ، يەنە بىر تۇخۇمنى پۇرچاق بوتقىسىنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ ئۆرۈپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ساپسېرىق سارغايتىپ، زاپاس شورپىسىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، پارقىراتما ياغ، ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.