UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىⅡدۈملىمە قىيما

Ⅱدۈملىمە قىيما

ئۇيغۇر تائاملىرى گۆش 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىياز ئىككى باش، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، قارىمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. سېمىز قوي ياكى كالا گۆشىنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق چاناپ، 105 گرام سۇ يېدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. تەك (ئۈزۈم تىلى)نىڭ يېڭى چىققان پارقىراق يوپۇرماقلىرىنى تېرىپ، ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتۈپ، ھەربىر يوپۇرماققا قىيما سېلىپ تۈگۈپ، چەكلىرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ، قاسقانغا قويۇپ، 20~15 مىنۇت دۈملىنىدۇ. قاسقاندىن ئېلىپ تەخسە ياكى ياكى لېگەنگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
Ⅱدۈملىمە قىيما | UyghurWiki | UyghurWiki