UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىدۈملىمە كاۋاپ

دۈملىمە كاۋاپ

ئۇيغۇر تائاملىرى سۆڭەكلىك قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پالەك تۆت تال، سۇڭپىياز ئۈچ تال، جاڭيۇ ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، ھۆل پۇرچاق مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق. 1. قوينىڭ تۆش ياكى قوۋۇرغا گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، زىرە، قارىمۇچ، تۇز، جاڭيۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، چوڭ چىنە ياكى قاچىغا رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە تۆت تال پالەكنى سېلىپ قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم يېپىپ قويۇلىدۇ. 2. چوڭراق قازانغا سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندا، گۆش سېلىنغان قاچىنى قازاندىكى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ ئىككى سائەت پىشۇرۇلىدۇ (سۇ قاينىغاندا، سۇ قاچىغا كىرىپ كەتمەيدىغان بولۇش كېرەك). بۇ ئۇسۇل قاسقاندا پىشۇرغانغا ئوخشىمايدۇ. 3. پىشقان كاۋاپنى قازاندىن ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ تەخسىگە دۈم كۆمتۈرۈپ (ئۈستىگە سېلىنغان پالەك ئاستىغا، گۆشلەر ئۈستىگە چۈشۈش كېرەك)، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
دۈملىمە كاۋاپ | UyghurWiki | UyghurWiki