UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرى(ئەرچېزە ۋە جۇئەرمەن)ياپىلاق لەڭمەن

(ئەرچېزە ۋە جۇئەرمەن)ياپىلاق لەڭمەن

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، گۆش 175 گرام، پىنتوزا مۇۋاپىق، سۇ يېغى 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، يېسىۋىلەك 150 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پەمىدۇر ئىككى دانە، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق. ياپىلاق لەڭمەن ئىككى خىل بولىدۇ. 1. ئەرجىزە: خېمىرنى پىلتە لەڭمەننىڭ خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، تىنغان پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىپ، ئىككى تالدىن تۆت تالغىچە پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ پىلتە لەڭمەن سوزغاندەك سوزۇپ قازانغا سالىمىز ياكى بىر تالدىن سوزۇپ ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سالسىمۇ بولىدۇ. بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ شۇ پىتىچە ياكى ئىسسىتىپ تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، ئۈستىگە ئالاھىدە قورۇلغان قورۇمىنى سالساق بولىدۇ. 2. جۇئەرمەن: پىلتىنى پىلتە لەڭمەننىڭ پىلتىسىدەك ئاشتاختىغا قاتار تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىمىز. 10-5 پىلتە بىرلا سوزۇلىدۇ، سوزغاندا ئىنچىكە سوزسا، كەسمە لەڭمەندەك ياپىلاق، لېكىن تار سوزۇلىدۇ، بۇ جۇئەرمەن دېيىلىدۇ. بۇ لەڭمەنلەر ئۈچۈن يۇقىرىقى پىلتە لەڭمەن ياكى باغلام ئاشنىڭ قورۇملىرىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ قورۇسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
(ئەرچېزە ۋە جۇئەرمەن)ياپىلاق لەڭمەن | UyghurWiki | UyghurWiki