شوخلا دۈملىمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
شوخلا 20 تال، زىرە ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، قۇيرۇق ياغ 500 گرام، سۇ يېغى 35 گرام، پىششىق گۈرۈچ 105 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز ئۈچ باش.
1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق يالپاقلاپ توغراپ، ئۈستىگە تۇخۇمنى چېقىپ پىششىق گۈرۈچ، تۇز، سوققان زىرە ۋە قارىمۇچ، ئۇششاق توغرالغان پىياز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
2. قىپقىزىل پىشقان 35 گرام چوڭلۇقتىكى شوخلىلارنى تاللاپ ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، بېغىش تەرىپىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ كېسىلگەن جايدىن ئىچىدىكى ئۇرۇق - شەرۋەتلىرىنى كولاپ چىقىرىۋېتىپ (شوخلىنىڭ تېرىسىنى بۇزماي)، ئۇنىڭ ئىچىگە تەييارلانغان قىيمىدىن سېلىنىدۇ.
3. مانتا قازىنىنىڭ سۇ تۇرىدىغان يېرىگە ياغ قۇيۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، توغرالغان پىيازنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، گۆشتىن ئاجرالغان سۆڭەك، شوخلىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۇرۇق - شەرۋەتلىرىنى سېلىپ قورۇپ تۇز، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قىيما سېلىپ تەييارلانغان شوخلىلارنى ئوچۇق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ جىمبىلگە تىزىپ، قايناۋاتقان شورپا ئۈستىگە قويۇپ، 20~25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقاندا لېگەن ياكى تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ، شورپىنى ئايرىم قاچىلارغا ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. پەمىدۇرلارنى يۇقىرىقىدەك تەييارلاپ، پولۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، دۈملەپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.