UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپۈتۈن تۆگە كاۋىپى

پۈتۈن تۆگە كاۋىپى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقى بىر دانە، سۇڭپىياز تۆت تال، كراخمال 500 گرام، كاۋاۋىچىن 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، قەلەمپۇر 70 گرام، سوققان زىرە 70 گرام، ئاقمۇچ ئازراق، زەرچىۋە ئازراق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى 70 گرام، تۇخۇم 10 دانە. ئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، پاكىز تازىلاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئالدى قول ۋە ئارقا پۇت قىسمىغا بىر نەچچە يەرگە تۆمۈر زىخچە سانجىپ، تەم كىرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. 2. سۇڭپىياز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، ئۇنىڭغا گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن سۇ تەييارلاپ، چوڭ سۇ ئىدىشىغا قۇيۇپ سوۋۇتۇپ، بوتىلاقنى ئىككى سائەت چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ، ئۈچ مېتىرلىق تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 3. تۇخۇمنى چېقىپ، كراخمال، زەرچىۋە، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، سوققان لازا سېلىپ سۇيۇق ئۇماچ تەييارلاپ، چىلانغان بوتىلاقنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ شامالدىتىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىرقېتىم سۈركەپ شامالدىتىپ تەييارلىنىدۇ. 4. ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇرنى (بۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇر ھازىر تۇرپاندا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا) قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان بوتىلاقنى تونۇرغا تىكلەپ، تۆت سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. 5. پىشقان بوتىلاقنى مەخسۇس تاماق ھارۋىسىغا تۇرغۇزۇپ زىياپەتخانىغا كەلتۈرۈپ پۈتۈن خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوڭ - چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، تەخسىگە ئېلىپ، ھەربىر جوزىغا بىر تەخسىدىن تارقىتىىدۇ (بۇ كاۋاپنى بېشى بىلەن بىللە كاۋاپ قىلىپ، بېشىنى بوتىلاقنىڭ تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوينىغا قىزىل رەخت چىگىپ، ئاغزىغا كۆك سەي چىشلىتىپ، لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلارنى كىچىك تەخسىگە ئېلىپ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
پۈتۈن تۆگە كاۋىپى | UyghurWiki | UyghurWiki