بادام پېچىنىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تاتلىق بادام مېغىزى 250 گرام، ئاچچىق بادام مېغىزى ئىككى ئاش قوشۇق، ياڭيۇ ئەزمىسى تۆت ئاش قوشۇق، ئۇن 700 گرام، شېكەر 150 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى ئىككى دانە، مۇئەتتەر ئىككى تامچە، تۇز بىر چىمدىم، مارگىرىن 150 گرام، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىر دانە.
1. قىزىتىلغان دۇخوپكىنىڭ ئىچىگە تاتلىق ۋە ئاچچىق باداملار سېلىنىپ، 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. دۇخوپكىدىن ئېلىپ سوۋۇتۇلىدۇ. نەم لۆڭگىنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ، پوستى چىقىرىۋېتىلىدۇ، پۈتۈن باداملار ئۇششاق سوقۇلۇپ، بىر داسقا سېلىنىدۇ. ئۈستىگە ياڭيۇ ئەزمىسى، ئۇن، شېكەر، تۇخۇم سېرىقى، مۇئەتتەر، تۇز ۋە ئېرىتىلىپ بىر ئاز سوۋۇتۇلغان مارگىرىن قوشۇلىدۇ. ھەممىسى ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇمشاق خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ.
2. دۇخوپكا لېسى ئوبدان ياغلىنىپ، ئۈستىگە نېپىز ئۇن سېپىلىدۇ.
3. خېمىردىن ئۆرۈك قېقى چوڭلۇقىدا زۇۋۇلىلار ئۈزۈلۈپ كۇمىلاچلىنىدۇ، كۇمىلاچلار كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇم ئېقىغا پاتۇرۇلۇپ لېسقا تىزىلىدۇ. ئوتتۇرا ھال ھارارەتلىك دۇخوپكىدا يېرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ، پېچىنىلەر پىشقاندىن كېيىن غەلۋىر ياكى سىم تور شەكلىدىكى ئاستىدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەردە قۇرۇتۇلۇپ تەخسىلەرگە ئېلىنىدۇ.