پىششىق گۆش قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
پىششىق قوي گۆشى 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم تۆت دانە، ئالىي ئاق ئۇن ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، كاۋاۋىچىن ئازراق.
1. پىششىق قوۋۇرغا گۆشىنى سۆڭەكتىن ئايرىپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر ئۇزۇنچاق توغراپ، تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇلىدۇ.
2. تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، ئالىي ئاق ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ئېلىپ، ياغقا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپى تەكشى سارغايتىپ، چېچەكلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، رومبا شەكلىدە توغراپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېپىپ قويۇلىدۇ.