UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقۇيرۇق ياغ قىيامى

قۇيرۇق ياغ قىيامى

ئۇيغۇر تائاملىرى دۈمبە ياغ 140 گرام، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 50 گرام)، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، سوغۇق سۇ 70 گرام، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، سوققان كۈنجۈت ئازراق، ئاق شېكەر 105 گرام. 1. دۈمبە ياغنى قايناق سۇغا سېلىپ 15-10 مىنۇت قاينىتىپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر قىلىپ نېپىز يالپاقلىنىدۇ؛ تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ھۆل پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-5 دەرىجە قىزىتىپ، توغرالغان ياغنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ئېلىپ، ئۈستىگە قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىنى يۇقتۇرۇپ، ياغقا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 3. قازانغا 70 گرام سوغۇق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاق شېكەرنى سېلىپ قىيام قىلىپ، قىيام چېچەكلىگەندە دۈمبە ياغنى سېلىپ توختاتماي قورۇپ، ئاندىن كۈنجۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ (ياغ بىر - بىرىگە چاپلاشماسلىقى كېرەك).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى