قېرىن قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ قېرىنى 500 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پالەك ئىككى تۈپ، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سامساق تۆت چىش، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . قوينىڭ قېرىنىنى ياخشى كۆپتۈرۈپ (تۆۋەندە چۈشەندۈرۈش بار) خىش شەكلىدە توغراپ، تور شەكلىدە تۆشۈك گۈل چىقىرىپ بولۇپ، نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، تۇز، تېتىتقۇ، كۈنجۈت يېغى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز، سامساق يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. پالەك قىسقا ياپراق توغرىلىدۇ.
2. بىر قاچىغا شورپىغا سوققان قارىمۇچ، تېتىتقۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، قېرىننى سېلىپ، چالا پىشۇرۇپ ئېلىپ قاچىدا قويۇلىدۇ.
4. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، پالەك سېلىپ قورۇپ، چالا پىشقان قېرىننى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.