بېھى بەلىچى
ئۇيغۇر تائاملىرى
بېھى ئىككى دانە، تۇخۇم ئۈچ دانە، شېكەر تۆت ئاش قوشۇق، مارگىرىن 50 گرام، ئۇن 100 گرام، سۈت بىر پىيالە، سوقۇلغان شېكەر بىر ئاش قوشۇق.
بىر كورىدا مارگىرىن ئېرىتىلىپ، ئۇن سېلىنىدۇ. ئۇننىڭ پوملىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېز - تېز قوچۇپ تۇرۇلىدۇ. قاينىتىلغان قىزىق سۈت ئاز - ئازدىن قۇيۇلۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارىلاشما ھالۋا ھالىتىگە كەلگەندە ئوت ئۆچۈرىلىدۇ.
2. تۇخۇم سېرىقى ھالۋا شەكلىدىكى ئارىلاشمىغا بىر تال - بىر تالدىن سېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. تۇخۇم ئېقىمۇ ئاپئاق ئاقارغۇچە چېلىپ كۆپتۈرۈلۈپ، بۇ ئارىلاشمىغا سېلىنىدۇ.
2. تەييارلانغان بۇ بەلىچ خېمىرى ياغلانغان لېسقا تۆكۈلىدۇ، بېھىلەرنىڭ شۆپۈكلىرى سويۇلۇپ، ئۇرۇق قىسمى چىقىرىۋېتىلىپ تىلىملىنىدۇ. تىلىملار لېستىكى خېمىر ئۈستىگە تىزىلىدۇ، ئاندىن قىزىتىپ قويۇلغان دۇخوپكىدا يۈزى قىزارغۇچە پىشۇرۇلىدۇ، ئۈستىگە سوقۇلغان شېكەر سېلىنىپ، ئىسسىق پېتى ئىستېمال قىلىنىدۇ.