UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپۇراقلىق تەرخەمەك

پۇراقلىق تەرخەمەك

ئۇيغۇر تائاملىرى تەرخەمەك 500 گرام، قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل 10 گرام، تۇز سەككىز گرام، شېكەر 75 گرام، ياغ 10 گرام، زەنجىۋىل 15 گرام، قىزىلمۇچ (لازا) ئىككى تال، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا. 1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن ئىككى - ئۈچ پارچە قىلىپ كېسىپ، ئۇزۇن قەلەمچە قىلىنىدۇ، ئاندىن قاچىغا ئېلىپ تۇزلىغاندىن كېيىن 20 مىنۇت دۈملىنىدۇ. 2. شېكەرنى قاچىغا ئېلىپ 100 گرام قايناق سۇدا ئېرىتىپ سوۋۇغاندىن كېيىن، ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ساراڭ شەربەت تەييارلىنىدۇ. 3. دۈملەنگەن تەرخەمەكنىڭ سۈيىنى ساقىتىۋېتىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىلىدۇ. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ چۈچۈتۈپ، قۇرۇق لازىنى چاناپ، زەنجىۋىل بىلەن ئانچە - مۇنچە قورۇپ تەرخەمەك ئۈستىگە ئېلىنىدۇ. ئاندىن ياغقا بىر نەچچە تال قارىمۇچ سېلىپ پۇرىقى كەلگىچە قورۇپ ياغ بىلەن قوشۇپلا تەرخەمەك ئۈستىگە تۆكىلىدۇ ۋە ئۈستىنى يېپىپ ئىككى ـ ئۈچ سائەت دۈملىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
پۇراقلىق تەرخەمەك | UyghurWiki | UyghurWiki