قىرغاۋۇل كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
پاكىز تازىلانغان قىرغاۋۇل بىر دانە، باش پىياز بىر باش، تۇز مۇۋاپىق، زىرە مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ئازراق، سوققان لازا ئازراق.
1. قىرغاۋۇل گۆشىنى سۆڭىكىدىن ئاجرىتىپ شاپتۇل قېقىدەك چوڭلۇقتا توغراپ سۇ يېدۈرۈپ، تۇز، چانىغان پىياز، ئاقمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت دۈملەپ تەملەندۈرگەندىن كېيىن، گۆشنى زىخقا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ تۇز، لازا سېپىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇپ، پىشقاندا ھەر ئىككى تەرەپكە زىرە سېپىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2. گۆشنى چوڭ - چوڭ توغراپ تەملەندۈرگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. سوغۇقچان كىشىلەر سۇغا سېلىپ قاينىتىپ قىرغاۋۇل شورپىسى قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.