خۇيلىما خوشاڭ
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 200 گرام، لوق گۆش 750 گرام، سودا مۇۋاپىق، پىياز 500 گرام، خېمىر تۇرۇچ ئازراق، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، شورپا ياكى سۇ ئىلمان مۇۋاپىق مىقداردا.
1. ئۇنغا تۇز، سۇ قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، 5.1 ـ1 سائەت ئەتراپىدا بولدۇرۇپ، خېمىر بولغاندىن كېيىن زوۋۇلا ئۈزۈپ بولاق مانتىنىڭكىدەك جىلتا
ئېچىلىدۇ.
2. قوي گۆشىنى ئۇششاق توغراپ، ئۇششاق چانالغان پىياز، سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز، شورپا ياكى سۇ، داغلانغان سۇ يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ، ئاندىن تەييارلانغان جىلتىلارغا قىيما سېلىپ تۈگۈپ، تاۋا ياكى قازاندىكى ياغدا داغلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋا ياكى قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، پەسرەك ئوتتا 20 - 15 مىنۇت خويلىنىدۇ. پىشقاندىن كېيىن لېگەن ياكى تەخسىلەردە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
خۇيلىغاندا تاۋا ياكى قازاننىڭ سۈيى تۈگەپ كۆيۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا خوشاڭ كۆيۈپ كېتىدۇ.