چىلاپ پىشۇرۇلغان يۇمران توخۇ
ئۇيغۇر تائاملىرى
چۈجە توخۇ بىر دانە، شېكەر 70 گرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، بەش خىل پۇراقلىق دورا ئارزاق، سېرىق ھاراق 105 گرام، جاڭيۇ 105 گرام، زەنجىۋىل بىر باش، كۈنجۈت يېغى 70 گرام.
1. ئۆلتۈرۈپ تازىلانغان توخۇنى كىچىك - كىچىك پارچىلاپ، جاڭيۇغا ئىككى سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.
2. قازانغا ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ، توخۇنى سېلىپ ئۇنىڭغا سېرىق ھاراق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، شېكەر سېلىپ ئوتتۇراھال ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ توخۇنى بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.
3. توخۇ پىشىپ رەڭگى ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە توخۇنى سۈزۈپ ئېلىپ شورپا بار قازانغا بەش خىل پۇراقلىق دورا - دەرمەكنى سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر خىل خۇش پۇراق چىققاندا توخۇنى يەنە قازاندىكى شورپىغا سېلىپ، ئۈستىدىن كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ 20 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. بۇ ۋاقتىدا بارلىق دورا - دەرمەكلەرنىڭ تەمى توخۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۆتىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە شورپا سېپىلىدۇ.