UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىزىلبۇغداش پۆرىسى

قىزىلبۇغداش پۆرىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قىزىلبۇغداش يوپۇرمىقى 250 گرام، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق. قىزىلبۇغداش يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا قىزىتقان سۇ يېغى، ئۇششاق چانالغان قوي يېغى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار لىنىدۇ. 2. خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ، خېمىر ئەمدى بولاي دېگەندە 35 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، ھەر جىلتقا قىيما سېلىپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە تۆگۈپ تاۋىغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى قىزارىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى