UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىكۇچا شويلىسى

كۇچا شويلىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاققوناق بىر كىلوگرام، سوققان زەنجىۋىل مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، ياغ 200 گرام، تۇرۇپ ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر 70 گرام، يۇمغاقسۈت 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. ئاققوناقنى سوقۇپ، ياخشى ئاقلاپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈلىدۇ. 2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى يالپاق، تۇرۇپنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر ئۇششاق توغرىلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، گۆش بىلەن پىيازنى قورۇغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاققوناقنى، تۇرۇپنى سېلىپ بىر سائەت قاينىتىلىدۇ. قوناق ئېتىلىپ يۇمشىغان ۋاقىتتا پەمىدۇر، تۇز، زەنجىۋىل، قارىمۇچ سېلىنىدۇ.%90 پىشقاندا ئوتنى پەسەيتىپ، چوغدا 15-10 مىنۇت دۈملىنىدۇ. تاماقنى ئۇسۇش ئالدىدا يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى