قايماق چۆچۈرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خام قايماق يېرىم جىڭ، سۇ يېغى ئازراق.
1. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، ياغدا قورۇپ قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قايماق قىيمىسى ياسىلىدۇ.
2. خېمىرنى چۆچۈرە خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، جىلت ئىچىگە قايماق قىيمىسى سېلىپ چۆچۈرە تۈگىلىدۇ. پىشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ چۆچۈرە پىشۇرۇش بىلەن ئوخشاش، پىشقان ئاشقا پىننە ياكى يۇمغاقسۈت سېلىپ، چىنىگە ئۇسىلىدۇ.