موزاي كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئىككى ياشلىق موزاي بىر دانە، سۇڭپىياز ئۈچ تال، تۇخۇم 10 دانە، قەلەمپۇر 70 گرام، كاۋاۋىچىن 70 گرام، ئاقمۇچ 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى 70 گرام، سوققان زىرە 35 گرام، زەرچىۋە ئازراق، لازا 70 گرام.
ئىككى يىللىق موزاينى قائىدە بويىچە ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سويۇپ پاكىز تازىلاپ، گۆشى قېلىنراق بولغان قىسىملىرىغا تۆمۈر زىخچە سانجىپ تەم كىرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.
2. سۇڭپىياز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، گۆش يومشىتىش پاراشوكى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن سۇ تەييارلاپ، چوڭ ئىدىشقا ياكى سۇ كۆلچىكىگە قۇيۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن موزاينى سېلىپ ئىككى سائەت چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ ئۈچ مېتىرلىق تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈپ شامالدىتىدۇ.
3. تۇخۇمنى چېقىپ، كراخمال، زەرچىۋە، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، سوققان لازىنى سېلىپ، سۇيۇق ئوماچ تەييارلاپ چىلانغان موزاينىڭ بەدىنىگە سۈركەپ شامالدىتىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈركەپ تەييارلىنىدۇ.
4. ئېگىزلىكى تۆت مېتىر، دىئامېتىرى بەش مېتىر كېلىدىغان چوڭ تونۇرنى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان موزاينى تونۇرغا تىكلەپ ئىككى سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
5. پىشقان موزاينى ئېلىپ، مەخسۇس كاۋاپ ھارۋىسىغا تۇرغۇزۇپ، زىياپەتخانىغا كەلتۈرۈپ خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوڭ - چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغراپ تەخسىگە ئېلىپ زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلار ئايرىم كىچىك تەخسىلەردە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ.
موزاي كاۋىپىنى بېشى بىلەن بىللە كاۋاپ قىلىپ، بېشىنى موزاي تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوينىغا قىزىل رەخت چىگىپ، ئاغزىغا كۆك سەي چىشلىتىپ زىياپەتخانغا كەلتۈرۈپ خېرىدارلارنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن پارچىلاپ تارقىتىلىدۇ.