UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئۆكۈز تىلى

ئۆكۈز تىلى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن 500 گرام، پىياز بىر باش، تۇخۇم بەش دانە، پەمىدۇر ئىككى تال، گۆش 500 رام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە ئۈچ باش، پالەك ئىككى تۈپ، ياڭيۇ ئىككى باش، سامساق 6-5 چىش، چامغۇر ئۈچ باش، يۇمغاقسۈت ئازراق، دورا ـ دەرمەك مۇۋاپىق مىقداردا. 1. قوۋۇرغا ياكى تۆش گۆشنى يېرىم سەر چوڭلۇقتا توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ، قايناپ كۆپۈك چىققاندا كۆپۈكلىرىنى ئىلىۋېتىپ، ئۇششاق توغرالغان پىيازنى سېلىپ، گۆشنى يېرىم پىشۇرۇپ، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇ ۋە پەمىدۇرنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ سېلىپ، سۇس ئوتتا بىر سائەت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، سەرەڭگە قېپىنىڭ يېرىمىچىلىك توم، ئۇزۇنچاق بىر پىلتە قىلىپ، بۇ پىلتىنى بىر باشتىن كەڭلىكى بىر سانتىمېتىر قېلىن ياپىلاق بۆلەكچىلەر (ئۆكۈز تىلى) كېسىپ قايناۋاتقان شورپىغا سېلىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، پالەك، يۇمغاقسۈت سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. 3. پىشقان گۆش، ئاش، سەۋزە، چامغۇر، ياڭيۇنى لېگەنگە سۈزۈپ ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز. شورپىسى ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى