UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئاق بەتتە

ئاق بەتتە

ئۇيغۇر تائاملىرى گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز بىر تال، گۆش 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى دانە، ياغ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن سۈيى ئىككى قوشۇق. 1. گۈرۈچ ئاق بەتتە پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پەمىدۇر، سۇڭپىيازلاريالپاق توغرىلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، قىزارغاندا سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇلىدۇ، كېيىن پەمىدۇر، تۇز سېلىپ، كاۋاۋىچىن سۈيى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن دەملەنگەن ئاق بەتتىنى ئۈستىگە سېلىپ قورۇپ ئېلىشتۇرۇپ، ئۈستىدىن ئازراق ياغ چېچىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇلىدۇ. تەييار قازاندا كۆكتات شورپىسى، يا تۇخۇم شورپىسى ياكى باشقا بىر خىل شورپا تەييارلاپ، تاماق ئۈستىدىن ئىچىسە، كىشىنى ئىسسىق باسىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى