ياڭاق پېچىنىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
خېمىرى ئۈچۈن مارگىرىن 150 گرام، تۇخۇم سېرىقى بىر دانە، ئۇندەك سوقۇلغان شېكەر 150 گرام، ياڭاق مېغىزى 50 گرام، سودا پاراشوكى بىر بال قوشۇق، ئۇن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئۈستىنى پەردازلاش ئۈچۈن: پۈتۈن چېقىلغان ياڭاق مېغىزى.
ئالدى بىلەن دۇخوپكا 175 گرادۇسقا توغرىلىنىدۇ. لېس سۇ ياغ ياكى مارگىرىن بىلەن ياغلىنىدۇ.
1. خېمىر ئۈچۈن مارگىرىن، تۇخۇم سېرىقى، سوقۇلغان شېكەر ۋە سودا پاراشوكلىرى ئېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
2. سوقۇلغان ياڭاق مېغىزىمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇمشاقراق خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. ياڭاق چوڭلۇقىدا زوۋۇلىلار تۇتۇلىدۇ.
3. قول بىلەن ئاۋۋال يۇمىلاق توپ شەكلىگە كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئالىقان بىلەن بېسىلىدۇ. ياغلانغان لېسقا تىزىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىسىغا يېرىم ياڭاق مېغىزى قويۇلىدۇ. لېسقا سېلىنىپ، دوخۇپكىدا يۈز سارغايغۇچە پىشۇرۇلىدۇ.