ئۆرۈك بەلىچى
ئۇيغۇر تائاملىرى
تۇخۇم ئىككى دانە، مارگىرىن 125 گرام، شېكەر 150 گرام، مۇئەتتەر ئىككى تامچە، سودا يېرىم ئاش قوشۇق، ئۆرۈك ۋارىنىسى، ئۇن 200 گرام، يېزى تىۋىتى ئىككى ئاش قوشۇق.
تۇخۇملار بىر قاچىغا ئېلىنىپ، شېكەر بىلەن كۆپتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ياغ، ئۇن، سودا پاراشوكى ۋە مۇئەتتەر سېلىنىپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ.
2. خېمىرنىڭ 1 ~ 3 قىسمى ئايرىپ قالدۇرۇلۇپ، قالغىنى لېسقا سېلىنىدۇ. لېستىكى خېمىر يېيىتىلىپ، ئۈستىگە ئۆرۈك ۋارىنىسى سۈرتۈلىدۇ، قالغان خېمىرى بىلەن چىمچىلاق بارماق توملۇقىدا پىلتە قىلىنىپ، بەلىچنىڭ يۈزى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. پىلتىنىڭ يۈزىگىمۇ ئۆرۈك ۋارىسىنى سۈرتۈلىدۇ. 170 گرادۇسقا توغرىلانغان دۇخوپكىدا 35 ~ 40 مىنۇتچە پىشۇرۇ
لۇپ، يۈزىگە يېزى تىۋىتى سېپىلىدۇ.