UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىسىقما گۆش قورۇمىسى

سىقما گۆش قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى ئومۇرتقىسى 280 گرام، پالەك ئازراق، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ھۆل مور بەش تال، جاڭيۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، سامساق تۆت چىش، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام). 1 . ئومۇرتقا گۆشىنى ئۇزۇنلۇقى تۆت سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر قىلىپ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، سوغۇق سۇغا چىلاپ قېنىنى چىقىرىۋېتىپ، گۆشنى داكىغا ئوراپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۇز، تۇخۇمنىڭ ئېقى، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 2. سۇڭپىياز، سامساق، پالەكلەر يالپاق توغرىلىدۇ. بىر قاچا شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ، جاڭيۇ تۇز سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6~5 دەرىجە قىزىتىپ، خۇرۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ، رەڭگى ئاقارغىچە ياغدا پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 4. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، پالەك سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، گۆشنى سېلىپ ئىككى ئۆرۈپ، پىششىق ياغ سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى