كونا شورپىدا پىشۇرۇلغان ئۆردەك
ئۇيغۇر تائاملىرى
ياش ئۆردەك بىر دانە، زەنجىۋىل (جاڭپىزا) بىر تال، كونا شورپا ئىككى كىلوگرام، ئېچىتقۇ ئازراق، سۇڭپىياز ئازراق، تېتىتقۇ ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق.
1. ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ تازىلانغان ئۆردەكنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ (قېرى ئۆردەك 10 مىنۇت، ياش ئۆردەك ئۈچ مىنۇت) قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ، كونا شورپا بار قازاندا پىشۇرۇش كېرەك.
2. ئۆردەكنى كونا شورپىدىن سۈزۈپ ئېلىپ بىر كىلوگرامدەك كونا شورپىغا، ئازراق تېتىتقۇ ئازراق، كۈنجۈت يېغى سېلىپ، باشقا قازاندا ئۆردەك بىلەن بىللە قاينىتىلىدۇ.
3. ئۆردەكنىڭ رەڭگى قىزىرىپ، شورپىسى قويۇقلاشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ، توغراپ تەخسىگە قويۇپ ئۈستىدىن كونا شورپىنى ئازراق سېپىپ زىياپەتكە قويسا بولىدۇ.