چەلپەك
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 500 گرام، ئەبجەش ياغ 140 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، سۇ 750 گرام، كۈدە 70 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
قاچىدىكى ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ تۇز، خېمىرتۇرۇچ، ئۇششاق توغرالغان كۈدە سېلىپ، سۇ قۇيۇپ قوچۇپ، سۇيۇق شىرە ياساپ 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. قىزىغان تاۋا ياكى قازاننى ياغلاپ، تىنغان سۇيۇق شىرىنى بىر چۆمۈچ - بىر چۆمۈچتىن قۇيۇپ تاۋىنى ئايلاندۇرۇپ، ھەربىر چۆمۈچ شىرىدە بىر تالدىن چەلپەك ياساپ، سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.