چىلانغان شوخلا
ئۇيغۇر تائاملىرى
گۆشلۈك شوخلا 10 كىلوگرام، كەرەپشە (چىڭسەي) 100 گرام، ئارپىبەدىيان 500 گرام، قۇرۇق لازا 10 گرام، قارىمۇچ 10 گرام، سامساق 200 گرام، تۇز 500 گرام، كۆك لازا 250 گرام، شېكەر 250 گرام، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ 11 كىلوگرام، يالپۇز 300 گرام.
1. شوخلىنى پاكىز يۇيۇپ، يالپۇزنىڭ قېرى يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئالتە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرىلىدۇ. كۆك لازا، كەرەپشىلەر يۇيۇلۇپ توغرىلىدۇ، سامساق ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىنىپ ئىدىشقا سېلىشقا تەييارلىنىدۇ.
2. ئىدىشقا سالغاندا بىر قەۋەتكە پەمىدۇر، يەنە بىر قەۋەتكە تەم خۇرۇچ (كەرەپشە، يالپۇز، قارىمۇچ، قۇرۇق لازا قاتارلىقلار)، يەنە بىر قەۋەتكە پەمىدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەم خۇرۇچ تەرتىپ بويىچە سېلىنىدۇ. 11 كىلوگرام سۇغا تۇز، شېكەر سېلىپ قاينىتىپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئىدىشقا قۇيۇپ، ئېغىزى ئېتىلىدۇ. ئاندىن ℃35 لۇق جايدا ئۈچ كۈن تۇرغۇزۇلۇپ پۇرىقى كەلگەندە ℃0 لۇق ئورۇنغا يۆتكەپ خالىغانچە ئېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.