UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىياغلىما چۆپ

ياغلىما چۆپ

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، سۇ يېغى 70 گرام، چامغۇر ئۈچ باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن، يالپاقلاپ توغرالغان پىيازنى سېلىپ قورۇپ سارغايتىپ، باشقا قاچىغا ئېلىنىدۇ. 2. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، چاقماق قەنت شەكىلدە توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ، تۇز قۇيۇپ چامغۇر پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. 3. خېمىرنى چىڭراق قىلىپ يۇغۇرۇپ، 10 مىنۇتقىچە تىندۇرغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، ئۈچ بارماقچىلىك چوڭلۇقتا كېسىپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان چۆپنى چوڭ چىنىلەرگە ئېلىپ، ئۈستىگە سارغايتىلغان پىيازنى سالساق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى