UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىكۆكۋاش ئېشى

كۆكۋاش ئېشى

ئۇيغۇر تائاملىرى كۆكۋاش (قوناق) ئىككى باش، پىياز بىر باش، گۆش 140 گرام، كۆك چامغۇر ئىككى باش، ياغ 30 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. چاقما كاۋا 140 گرام، پەمىدۇر ئىككى باش، سامساق بىر باش. كۆكۋاش قوناقنى سويۇپ ۋە ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ، قوناقنى ئۇچىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ پىچاق بىلەن قىرىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا مەدەكتە قالغان قوناق شىرىسىنى يەنە قىرىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئەگلەكتىن ئۆتكەن شىرىسى بىلەن ئەگلەكتىن ئۆتمىگەن ياما قوناق ئايرىم - ئايرىم قاچىغا ئېلىنىدۇ. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى ياپىلاق، كاۋىنى چاقماق قەنتتەك، كۆك چامغۇرنى كالتە ـ كالتە قىلىپ، پەمىدۇر كىچىك ياپىلاقلاپ توغرىلىدۇ. سامساق چانىلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كېيىن پىياز بىلەن پەمىدۇرنى سېلىپ قىزارتىپ، تۇز ۋە سۇيۇقئاشنىڭكىدەك سۇ قۇيۇلىدۇ. سۇ قاينىغاندا، قوناقنى ۋە كاۋىنى سېلىپ قاينىتىپ، خۇرۇچلار پىشقاندا كۆك چامغۇر بىلەن سامساقنى سېلىپ، قوناق شىرىسىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا 10 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
كۆكۋاش ئېشى | UyghurWiki | UyghurWiki