UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپېتىر ياپما

پېتىر ياپما

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، گۆش بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، زەنجىۋىل ئازراق، ياغ 105 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سەۋزە بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياڭيۇ بىر كىلوگرام. 1 . ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، قاتتىق ئاش خېمىرى يۇغۇرۇپ، خېمىرنى يېيىپ نېپىزلىتىپ، كەڭلىكى 10 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر كېلىدىغان چۆپ كېسىپ تاۋىنى ياغلاپ، چۆپنى سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ چالا پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 2. قورداقنى ياپمىغا تەييارلىغاندەك قىلىپ تەييارلاپ، بۇنىڭ شورپىسىدىن بىر قاچا ئېلىۋېلىپ، چالا پىشقان ياپمىلارنى قازاندىكى قورداقنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ياپما، بىرقەۋەت شورپا قىلىپ تىزىپ، پەس ئوتتا 20 ـ 15 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان ياپمىنى لېگەنگە، قورداقنى تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى